ئۇيغۇرچە ئوقۇغۇچ تور بەتتىكى ئاساسى مەزمۇننى سۈزۈپ بەت شەكلىدە كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ، باشقا مەزمۇنلارنى يۇشۇرۇپ راھەت كۆرۈش مۇھىتى ھازىرلايدۇ.



ئىشلىتىش ئۇسۇلى

  1. سىز مەلۇم بىر خەۋەر، ماقالە بار تور بىكەتنى ئاچقان ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە ئوقۇغۇچ ئاساسى مەزمۇن رايۇنىنى تاپالىسا ئادرىس قۇرۇىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە ئوقۇغۇچنىڭ ئايكونى كۆرسىتىدۇ.
  2. iReader icon 
  3. شۇ ئايكوننى باسسىڭىز مەزمۇن ئايرىم كۆزنەكتە كۆرىنىدۇ.
  4. ناۋادا ئوقۇغۇچ كۆزنىكىنى تاقىماقچى بولسىڭىز ئوقۇغۇچ كۆزنىكى سىرتىدىكى خالىغان جاينى باسسىڭىز ياكى مائۇسنى بەتنىڭ ئاستىغا ئەكىلىپ كۆرۈنگەن لەيلىمە ئايكون ئىچىدىن تاقاش بەلگىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
  5. تەشەببۇس: ياقتۇرغان ماقالە ياكى خەۋەرلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولسىڭىز ھەمبەھىر ئايكونىنى بېسىپ ھەمبەھىر قىلىڭ.
  6. قوشۇمچە: بۇ قۇشۇلما alkatip tor خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىدۇ.

تىزلەتمە كونۇپكا:
    Windows ۋە Linux ئۈچۈن: Ctrl+Shift+P
         Macintosh ئۈچۈن: ⌘-Shift-P.

بۇ قۇشۇلمىدا تۆۋەندىكى ئوچۇق كودلۇق تۈرلەردىن پايدىلىنىلدى: بۇلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.